نۇر بەكرى: «دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى كۆز قارچىغىمدەك ئاسرايمەن»


2008.01.25

22 ‏-يانۋار ئاخىرلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 ‏- ئومۇميىغىنىدا رەئىس نۇر بەكرى ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقى سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا ئالدى بىلەن ، ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىگە ئۆستۈرگەن خىتاي كومۇنىست پارتىيىسىگە رەھمەت ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن « ئۈچ خىل كۈچلەر » گە ھەم چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى بولگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى جېنىنى قوغدىغاندەك قوغدايدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى بولسا، ئۆزىنىڭ كۆز قارچىغىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر نۇتقى ئۈستىدە توختالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قورچاق رەئىسلەر تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر نۇتقى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد توختى ئەپەندى نۇر بەكرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ۋەكىللىك سالاھىيىتى ھەققىدە توختالدى.

نۇر بەكرى نۇتقىدا، ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە كۆپ توختالمىغان. باشتىن ئاخىر، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى چۆرىدەپ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ھەر ۋاقىت چوڭ ۋەزىيەتنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى ‏- سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بىرىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

مۇھەممەد توختى ئەپەندى يەنە نۇر بەكرىنىڭ چوڭ ۋەزىيەت دېگەن سۆزىنىڭ ماھىيەتتە، چوڭ مەنپەئەتى يەنى خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئەپەندى، نۇر بەكرىنىڭ ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىنىڭ خوشامەت نۇتقى ئىكەنلىگىنى، نۇر بەكرىنىڭ نۇتقىنى خەلققە خىتابەن ئەمەس، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىگە خىتابەن سۆزلىگەنلىكىنى دېدى.

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئادالەت خانىم، نۇر بەكرىنىڭ نۇتقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئۈچ مۇلاھىزىچى، نۇر بەكرىنىڭ نۇتقىنى، «ۋەتەن-مىللەتنى سېتىش قەسەمنامىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.