"ش ئۇ ئا ر" رەئىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى بايانى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى كادىرلارغا سۆزلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك ۋە غەرب ئەللىرىنى "دۈشمەن كۈچلەر" دەپ ئېلان قىلغان نۇتۇقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.12

 روېيتېرس ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە، نۇر بەكرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنى خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىن بىئارام بولغان "دۈشمەن كۈچلەر" دەپ ئاتىغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى گۇرۇھلارنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق نامىدا قوللاۋاتىدۇ، دەپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە غەرب ئەللىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ يۆلەنچۈكى ھەم خوجايىنى، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەننىڭ مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى 4‏ -، 10 ‏ - ۋە 12 ‏ - ئاۋغۇستتىكى ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي جاۋابكارى، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. نۇر بەكرى كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا رابىيە قادىر خانىمنى تۈرلۈك سىياسى خىتاپلار بىلەن ئەيىبلەپلا قالماي، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان نۇرغۇن ئىبارىلەرنى قوللانغان.

خوڭكوڭدىكى "دا گوڭباۋ" گېزىتى جۈمە كۈنكى سانىدا نۇر بەكرىنىڭ نۇتۇقىنى خەۋەر قىلىپ، نۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى يازدى. لېكىن نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى ھۇجۇملىرىغا ئورۇن بېرىپ، نۇرنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنى " دۈشمەن كۈچلەر" دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

 رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا نۇر بەكرىنىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ " سىياسىي ئەخلاقنىڭ ئەقەللى چەك - چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن سۆز ‏ - ھەرىكىتى، ئۇنىڭ ساپاسىنى نامايەن قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.