خەلقنىڭ كۈچى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا


2005-04-21
Share

ئامېرىكىدىكى داڭلىق "ۋولتىرىس ژورنىلى" گېزىتى، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە، قىرغىسىتاندا ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن خەلق ئىنقىلابىنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنى ئەندىشىگە سالسا، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، بولۇپمۇ قىرغىزىستان خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغان. ئاقايېف دەۋرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار قولغا ئېلىنىپ، كۆپ ھاللارغا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئورگىنى بولغان ئىتتىپاقنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ كونترول قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: " ئەسقەر ئاقايېفنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشى بىلەن، ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقى ھەققىدە بەزى بىشارەتلەر بولدى. مەركىزى ئاۋىستىرىيىدىكى قىرغىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزنى قىرغىزىستانغا بېرىپ، يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ قىرغىزىستان يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە قارىمايدىغان ئورگانلار بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورنۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنڭى بىر ئىپادىسى" .

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى، گەرچە ئاقايېفنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنىڭ قىرغىزىستان ۋە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىشىنى مۆلچەرلەش تېخى بالدۇر بولسىمۇ، بىراق قىرغىزىستاندىكى ئىنقىلابنىڭ خىتاي، قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستانغا ئوخشاش ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرگە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت