ئوبۇلقاسىم ھاجى قىرغىزىستان تۈرمىسىدە ۋاپات بولدى


2006.09.08

1998 -يىلدىن بېرى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ك گ ب تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئوبۇلقاسىم ھاجى، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كېسەل سەۋەبدىن تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇمنى تۈرمىدە ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلغان زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوبۇلقاسىم ھاجى تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا قان راكى كېسىلىگە گىرىپدار بولغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى "ئوبۇلقاسىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق تىببىي ياردەمدە بولمىغان ۋە مەرھۇمنى ئۆلۈمگە تەرىك ئەتكەن " دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئوبۇلقاسىم 1998 - يىلى قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن 2001 - يىلى سوتلىنىپ، "تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغان، قىرغىزىستاندا ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغان، دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان. قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئۇنى دەسلەپتە 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ،لېكىن كېيىنرەك قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى نىغمەت بوساقوۋنى ئۆلتۈرۈشكە ئىشتىراك قىلغان، دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، قاماق جازاسىنى 30 يىلغا چىقاردى. بىراق نىغمەت بوساقوۋ ئۆلتۈرۈلگەندە ئوبۇلقاسىم ك گ ب تۈرمىسىدە ئىدى.

ئوبۇلقاسىم ئۆلۈمىدىن سەل بۇرۇن ئۇنى يوقلاپ بارغان زىيارەتچىلەرگە ، ئۇ 1998 - يىلى قولغا ئېلىنغاندا يېنىدىن تېپىلغان تاپانچىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ، يېنىدىكى 80 مىڭ دوللارنى تارتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.