خىتاي دائىرلىرى 8 - نويابىر "چىتەي ۋەقەسى" نىڭ سەۋەبىنى ئېلان قىلدى
2005.12.30
خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ بېيتاشەن كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى ئادەملەر تەرىپىدىن قەستەن پەيدا قىلىنغان ئۆچ ئېلىش قەستىكى پارتلىتىش ۋەقەسى، دەپ جاكارلىغان.
بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مەزكۇر كۆمۈر كاندىكى بىر ئامباردا دۆۋلەپ قويۇلغان 500 كىلوگرام پارتلاتقۇچ دورا تۇيۇقسىز پارتلاپ كېتىپ 14 ئادەم ئۆلگەن، 24 ئادەم يارىلانغان ئىدى. جامائەت خەۋپژلىك دائىرىلىرىنىڭ 28 - دېكابىر كۈنى ئاشكارىلىشىچە،ۋەقەنى دىڭ جىفۇ ئىسىملىك بىر خىتاي كۆچمەننىڭ شەخسى ئاداۋىتىنى دەپ ئۆچ ئېلىش مەقسىدى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى جاۋاپكارنىڭ كۆمۈر كاندا پارتلاش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، 14 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان شەخسى ئاداۋىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەخسى ئاداۋەت ياكى ھۆكۈمەتكە نارازى بولسا ، جامائەت سورۇنلىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا.
ئۆتكەن يىلى غۇلجىدا ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوۋۇزىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان بىر خىتاي پۇقراسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. ئىككى يىل ئىلگىرى بىر خىتاي پۇقراسى شىخۇدا بىر يولۇچىلار مىنىبۇسىنى پارتلىتىپ شىخودىن مايتاغقا قەۋرە يوقلاپ قايتىۋاتقان ئۇيغۇر يولۇچىلاردىن نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. دەسلەپتە خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غۇلجا ناھىيىسىدىكى كان ھادىسىلىرىدە 5 كىشى قازا قىلدى
- كۆمۈركان قازاسىدا ئۆلگەن خىتاي ئىشچىلارغا تۆلەم پۇل بېرىلدى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەجەللىك كان ۋەقەلىرىنىڭ ئازايماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
- گۇچۇڭدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازاغا ئۇچرىدى
- سانجىدىكى كان ۋەقەسىدە ئىككى ئادەم ئۆلدى