خىتايدىن قېچىپ كەلگەن كىچىك پەرھات ئانىسى بىلەن تېپىشتى


2007.06.14

نۆۋەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوغرىلىق قىلىشقا ئوخشاش جىنايى ئىشلارغا ئىشلىتىش ۋەقەلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يېقىندا خىتايغا ئوغۇرلىنىپ كېتىلگەن 11 ياشلىق پەرھات ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن.

تەڭرىتاغ تورى 14 ‏- ئىيۇن كۈنى، بۇ يىل 4 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى يەكەن ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ نەنجىن شەھىرىگە ئېلىپ قېچىلغان پەرھات ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاران 11 ياشقا كىرگەن پەرھات ئادەم قاچاقلىرى تەرىپىدىن ھۇشسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، نەنجىنگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇ كۈنىگە 2000 يۈەن ئوغرىلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن خوجايىنلىرى ئۇنى قاتتىق ئۇرغان . پەرھات خوجايىنغا تاماكا ئەكىلىش باھانىسىدا، پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن.

پەرھات ئۈرۈمچىدە نەق بىر ئايدىن كېيىن ئانىسى بىلەن تېپىشقان. خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانسىمىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئوغرىلىق قىلىشتەك جىنايى ئىشلارغا سېلىش ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقانلار، يالغۇز خىتايلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن شۇنىڭدەك پەرھاتقا ئوخشاش قېچىپ كەلگەن بالىلار ناھايىتى ئاز ساندا بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتىپ كېلەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى خېلىلا كۆپ ئىكەن.

چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايەت ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.