ئاز سانلىق مىللەت مېدىتسىنا خادىملىرى ئامېرىكىغا ئۆگىنىشكە كەلمەكچى


2005.04.06

ئۇيغۇر ئېلىدىكى داۋالاش ۋە سەھىيە سىستېمىسىدىكى 15 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت خادىمى ئامېرىكىغا 21 كۈنلۈك ئۆگىنىشكە كېلىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاز سانلىق مىللەت مېدىتسىنا خادىملىرىنى كوللېكتىپ چەتئەلگە چېنىقتۇرۇشقا ئەۋەتىشى ھېسابلىنىدۇ.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈگىنىشكە بارىدىغان ئاز سانلىق مىللەت مېدىتسىنا خادىملىرىنى تاللاشتا 50 ياشتىن تۆۋەن بولۇش، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇش، ساغلام بولۇش، ئېنگلىزچە ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارى بولۇش، ئىدىيىسى ئىلغار ۋە كەسپىي ساپاسى ياخشى بولۇش قاتارلىق شەرتلەرنى قويغان.

بۇ 15 نەپەر خادىم داۋالاش ۋە سەھىيە سېستىمىسىدىكى 416 كىشىنىڭ ئارىسىدىن 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە تاللاپ بېكىتلىدىكەن. ئەمما خەۋەردە ئۇلارنىڭ قاچان يولغا چىقىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ قايسى جايىغا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.