خىتاي، 1 - ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا دۇچ كېلىدۇ


2007.09.30

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بايراملىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مەخسۇس قەدەھ سۆزى سۆزلىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە باشقا رەھبەرلەر ھەمدە 1500 دىن ئارتۇق ھەر ساھەنىڭ ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان، مۇراسىمدا باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قەدەھ سۆزى سۆزلەپ، دۆلەت بايرىمى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تەيۋەن خەلقىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ " بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم"، " خوڭكوڭلىقلار خوڭكوڭنى باشقۇرۇش" " ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى باشقۇرۇش" تىن ئىبارەت " ئالىي ئاپتونومىيە" سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 1-ئۆكتەبىر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چەت ئەللەردىكى تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

شىتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر قانچە يىلدىن بۇيان 1- ئۆكتەبىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىۋېلىنغان "ماتەم كۈنى" قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ كۈنى ھەر قايسى جايلاردا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.