ئولىمپىككە 100 كۈن قالغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىغان پائالىيەت ئۈرۈمچىدە باشقىچە
ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىخەتەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ھەربىي خىزمەت بۆلۈم باشلىقى تيەن يىشاڭ 'خەلق گېزىتى'نىڭ مۇخبىرىغا خىتاي 'خەلق ئازادلىق ئارمىيىمىز ئولىمپىكنىڭ خەلقئارالىق قائىدىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، ئەسكەرنى يېقىندىن يۆتكەش پرىنسىپى بۇيىچە، ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز قاتارلىق ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى مۇھاپىزەتچى، مىنا چارلىغۇچى، خېمىيىۋىي قوراللاردىن مۇداپىئە كۆرگۈچى قاتارلىق ھەممە ئەسكىرى خىللىرىنى ۋە تىك ئۇچار، پاراخوت، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق بارلىق ئەسلىھەلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئولىمپىكنى قوغداشقا تەييار' دېگەن.
ئۈرۈمچىدە بولسا ئوت ئۆچۈرۈشكە جىددىي تەييارلىق كۆرۈلمەكتە. 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دەي يىچاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ساۋاتلىرىنى ئۈرۈمچىدە ھەر بىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، ھازىر ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە مەسىلە ساقلىنىۋاتقان 44 ئورۇندىكى 33 ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ لاياقەتسىزلىرىنى دەرھال رەتلەپ، پۈتۈن ئوت ئۆچۈرۈش سېستىمىسىنى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە تامامەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.