ئۇيغۇر ماھىرى ئامانگۈل 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماقچى


2004.10.27

خىتاي دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئەترىتى تەرىپىدىن تاللانغان، ئۇيغۇر يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى ئامانگۈل جامال 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك دۇنيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن ئامانگۈل جامال، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇ تەنتەربىيىدىكى بولۇپمۇ قىسقا مۇساپىلىق يۈگۈرۈش تۈرىدىكى تالانتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلاردا كۆپ قېتىم ئىلغار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىكەن.

ئامانگۈل جامال يەنە -2003يىلى -8ئايدا ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 10 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، 100 مېتىرلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاياللار تۈرىدىكى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە ئاياللارنىڭ يىنىك ئاتلىتكا گۇرۇپپىسىدىكى 100 ۋە 200 مېتىرلىق يۈگۈرۈشتە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئامانگۈل كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارى بىلەن دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئەترىتىگە تاللانغان بولۇپ، ئۇ 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىنىش ئۈچۈن، يېقىندا بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت دەرىجىلىك چېنىقتۇرۇش ئەترىتىگە قاتنىشىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.