خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى قەشقەردىن قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدا ئۆتتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن قەشقەردىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى يەرلىك خەلقنىڭ دۇكانلىرى تاقالغان، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى چەكلەنگەن قەشقەر كوچىلىرىدا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن قوغدىغۇچىلارنىڭ چەمبەرچەس ھېمايىسى ئاستىدا ئۆتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.18

 ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ۋە ئافغانىستان، پاكىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بۇ شەھەردە، خىتاينىڭ قاراپەلەيلىك بىخەتەرلىك خادىملىرى چەتئەل ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۈچۈن داغدۇغا قىلغان، خىتايغا مەدەت بېرىدىغان شۇئارلارنى توۋلىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى تامامەن چەكلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 'بۆلگۈنچىلەر مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ، ئولىمپىك مەشئىلىگە چاتاق سېلىشى مۇمكىن' دەپ دۇنياغا ئەيىبلەپ كۆرسىتىلگەن بۇ شەھەردە، ئولىمپىك مەشئىلىنى خىتاي ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قاتتىق قورشاۋى ئاستىدا ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى شەنبە كۈنى، 3 ‏ - ئايدىن بۇيان خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەر ئۈكسىمەيۋاتقان تىبەتكە ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.