ئۇيغۇر ئېلىدە ئولىمپىك مەشئىلىنى يەرلىك پارتىيە سېكرىتارى كۆتەرمەكچى


2007.06.29

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى چوڭقورچاق يېزىسىنىڭ يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى داۋۇت ھاشىم، 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆتكەندە مەشئەلنى كۆتەرگۈچى نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

يەرلىك پارتىيە سېكرىتارىنىڭ مەشئەلنى كۆتەرگۈچى نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى رايوندىكى خىتاي تور بەتلىرىدە بىر قەدەر ئىجابىي باھاغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ مەسىلە تالاش ‏- تارتىش قوزغىدى.

داۋۇت ھاشىم 2003 - يىلى 2- ئاينىڭ 24 - كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكىسى بۇيىچە 170 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە نامى چىققان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى 5 جان كىشى شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئائىلە تاۋاباتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر كۈنلەردە، پارتىيىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدىكى سىياسىتىنى قەتئى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلغان شەخس، دەپ ماختىغان ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بىر قىسىم تورداشلار يەرلىك پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشى ئولىمپىك روھىغا تازا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى يازسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئولىمپىك مەشئىلى كۆتەرگۈچى كىم بولسا مەيلى، لېكىن ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى يېزىشماقتا. نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى داۋۇت ھاشىمنىڭ چوقۇم ئولىمپىك مەشئىلى كۆتىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىگە قىزىققۇچىلار، ئۇيغۇر تەنتەربىيىچىلەرنى نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئولىمپىك روھىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قاراشماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.