خىتاي ھۆكۈمىتى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى
2004.09.13
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تېرورچىلىققا قارشى ھەرىكەت جەريانىدىلا 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ لېچۈەن دۈشەنبە كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "بىز گەرچە تېررورچىلىققا زەربە بېرىشتە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولساقمۇ، خەلقئارا تېررورچى كۈچلىرىنىڭ بۇ يەردە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارغا زەربە بېرىشتىن قەتئىي باش تارتمايدۇ ۋە تېررورچىلىققا قارشى بۇ كۆرەشنى ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋام ئېتىدۇ" دېگەن.
چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ، تىنچلىق بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل 7 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورچىلىققا زەربە بېرىش باھانىسىدا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ لېچۈەن دۈشەنبە كۈنى بۇنى رەت قىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق مىللىي ۋە ئېرقىي مەسىلىلەرنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەپ، "مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار. ئەمما ئۇلارنىڭ خاھىشى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ" دېگەن. بىراق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى رەت قىلماقتا. (ئارزۇ) مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار ۋاڭ لېچۈئەن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆزلىدى