يېزا كادىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى ئۇيغۇر ئېتىپ تاشلاندى


2005.07.19

بۇ يىل 2 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارىقاش ناھىيىسىدىكى ئۇلۇقئاتا كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى مەتسالىخان ئەخمەتنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن سۇلايمان ئوبۇل ۋە ئابدۇرېھىم ھۆسۈيۈنلەر بۇ يىل 4 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان.

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، سۇلايمان ئوبۇل بۇ يىل 30 ياشلاردا، ئابدۇرېھىم ھۆسۈيۈن بولسا 19 ياشتا بولۇپ، كەنت سېكرىتارى مەتسالىخان سۇلايمان ئوبۇلنى ئايالىنىڭ قوسىغىدىكى بالىسىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە مەجبۇرلىغان. نەتىجىدە سۇلايمان ئوبۇل ۋە ئۇنىڭ دىنىي مەسلەكدېشى ئابدۇرېھىم سۆھسۈيۈنلەر مەتسالىخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن.

"شىنجاڭ گېزىتى" سۇلايمان ئوبۇللارنىڭ مەتسالىخاننى ئۇلۇقئاتا كەنتىگە مەسچىت سېلىشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قارىقاش ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر سۇلايمان ئوبۇل ئايالىنىڭ قوسىقىدىكى بالىسىنى ئالدۇرىۋېتىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.