ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى


2005.08.25

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۈشەنبە كۈنى يەنە بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ۋاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇللا قۇربان ئىسىملىك بۇ كىشى ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ 2000 - يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كۇچاردا،ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خىتاي باشلىقى چېڭ پىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

ۋاڭ يەنە، ئابدۇللا قۇرباننىڭ ئۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ باشقا ھەمراھلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇندىن بۇيان ئابدۇللا قۇرباننى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۇنىڭ تېخىچە ئاقسۇدا ئىكەنلىكى پاش بولغان. نەتىجىدە ساقچىلار 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۇ تۇرۇشلۇق جايغا باستۇرۇپ كىرگەن.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، ئابدۇللا قۇرباننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ساقچىلارغا قاراپ ئوق چىقارغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ساقچىلارنىڭ ئاخىرى ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئابدۇللا قۇرباننىڭ پەقەت ئۆزىنى قوغدىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ساقچىلار بۇنىڭدىن سىرت يەنە، يېقىندا ئابدۇللا قۇرباننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن 10 كىشىنى قولغا ئالغان.

ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنىڭ ئالدىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە، "3 خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قاتتىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.