خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۈرۈمچىدە 2 ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە قىزىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى
خىتاي مەتبۇئاتلىرى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئابدۇخالىق مىجىت ئىسىملىك كىشىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە قىزىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق قايغۇرغان بۇ كىشى بۇ ۋەقەنى سادىر قىلىش ئارقىلىق دەردىنى چىقارماقچى بولغان. ئابدۇخالىق مىجىت ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا، بۇ مەكتەپنىڭ بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 2 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى، بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن 3 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
ساقچىلارنىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە،" ئابدۇخالىقنىڭ 8 ياشلىق ئوغلى ئۆتكەن يىلى ھەدىسىنىڭ " مەكتەپتىكى دەرس نەتجىسى ناچارلىقىدىن نومۇس قىلىپ، ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان." خەۋەردە " ئابدۇخالىق بۇ ۋەقەگە مەكتەپ مەسئۇل بولۇشى كېرەك، قارىغان" ۋە " ئۇ، مەكتەپتىن بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە بۇ ۋەقە ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋەقە بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خىتايدا بۇ خىل ۋەقەلەر كۆپ ھاللاردا روھى كىسىلى بار كىشىلەر ئېلىپ بارغان ۋەقە ياكى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن
- ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى
- ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي سوت مەھكىمىسى بىر ئۇيغۇرنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
- يېزا كادىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى ئۇيغۇر ئېتىپ تاشلاندى