ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى


2004.09.28

مۇشۇ ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، 22 ياشلىق ئەخەت ئەزىزگە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دىگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلدى. بۇ مەزكۈر دېلودىن خەۋەردار بولغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇل -غۇلا قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىشىدىكى سەۋەب، ئەخەت ئەزىز جىنايەت سادىر قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇرۈمچى شەھىرىدە مەرھۇم ئاتاغلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇكېرىم خوجايۇپنىڭ نەۋرىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلىشىر، قىزىل بايراق بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان بىر خىتاينىڭ بالىسى بىلەن جىدەللەشىپ قالغان، ئاشخانىنىڭ ئىگىسى، بالىسىنىڭ قولىغا پىچاقنى تۇتقۇزۇپ، ئەلىشىرنى ئىككى قولى بىلەن چىڭ قۇچاقلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن خىتاي بالىسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئەلىشىرنىڭ 20 يېرىگە پىچاق تىققان .

گەرچە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئەلىشىرنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، دوختۇرخانا پۇل تاپشۇرۇشنى بىرىنچى شەرت قىلغانلىقتىن، 16 ياشلىق ئەلىشىر قانسىراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

كۈزەتكۈچىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئوخشاش خارەكتىرلىك جىنايەتكە پەرىقلىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، خىتايلارنى ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇر جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن دەرھال ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىراق ئۇيغۇر بالىنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر جازالانمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.