ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسى مەھبۇسلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش تېخىچە مەۋجۇت


2007-03-12
Share

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12 مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمايىلنىڭ 12-مارت بېيجىڭدا ئېيتقانلىرى، سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۇم جازاسى يۈرگۈزۈشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

روزى ئىسمائىل مۇخبىرلار ئېيتقانلىرىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرىنىڭ "3 خىل كۈچ" لەرگە ئالاقىدار جىنايەتچىلەرنى سوتلاش سىياسىتى بولسا، "قانۇن بويىچە ئۆلچەم بېكىتىپ قاتتىق جازا بېرىش"، يەنى قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېغىر جازاغا تارتىش بولۇپ، بەزى جىنايەتچىلەرنى ئەڭ ئېغىر بولغاندا قانۇن بويىچە ئۆلۈمگە بۇيرۇشقىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.

خىتاي دۇنيادا ئۆلۇم جازاسىنى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغان دۆلەت. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2005 يىلى خىتايدا 1770 ئادەمگە ئۆلۇم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ پۈتۇن دۇنيادا مىقياسىدا يۈرگۈزۈلگەن ئۆلۇم جازاسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. لېكىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، خىتاينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشكىچە، خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭ ئادەم ئۆلۈمگە بۇيرىلىپ ئېتىلىدىكەن.

دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆلۇم جازاسىغا قارشى تۇرىمىز، چۈنكى بىر مەھبۇسنىڭ ھاياتىنى ئۆلۇم جازاسى يولى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق".

روزى ئىسمايىل يەنە مۇنداق دېگەن: "شىنجاڭ ئالى سوت مەھكىمىسى بۇ يىلقى قاراپ چىقىشتا ئىزچىل ھالدا يەنە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلىش دېلولىرىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇچ خىل كۈچلەرگە- مىللى بۆلگۈنچى، دىنى ئەسەبىيچى، ۋە تېرورىزىمچى كۈچلەرنىڭ جىنايەت ھەرىكەتلىرىگە قارتا يۇقىرى بىسىم ئىشلىتىدىغان شەكىلنى داۋاملاشتۇرىدۇ. "

بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىتا خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كۈزەتكۇچىلەر ھەرخىل نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: "شۇنى روشەنلۈستۈرۇش بەك زۆرۈركى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ خىل كۇچ' مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئاتالمىش ئۇقۇمنى خىتاي ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان".

دىلشات رىشىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا، نارازلىقلىرىنى دېموكراتىك يول بىلەن ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان خەلققە" 3 خىل كۈچ" نامىنى ئارتىپ قويۇشنىڭ سەۋەبى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش قىلمىشىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇش ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش "3 خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش دېگەن نىقابقاب ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ھالدا ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇشتىكى بىر ھىيلىسى ئىكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت