9 - نويابىر خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات تارماقلىرى، 25 - دېكابىر دېلوسىدا قولغا ئېلىنغان 17 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدىن ئابدۇۋەلى ئىمىن قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا " دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، 2005 - يىلى 8 - ئايدىن 2007 - يىلى 1 - ئايغىچە، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان ھەمدە غازات تەرغىباتى ئېلىپ بارغان ۋە تېررورلۇق مەشىق بازىسى قۇرۇپ ئىسلام خەلىپە دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان" دەپ ئەيىبلەپ ئۆلۈم ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ بۇ بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارنى قەتلى قىلىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ بولسا، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشچىلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ بۇ مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.
دىلشات رىشىت يەنە، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىنىڭ، خىتايدا يەنە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ ئىزچىل باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ، كېلەر يىللىق ئولىمپىكتىن بۇرۇن خىتايدا بۇنداق ئەھۋاللاردا ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا، 12 - نويابىر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سىېيىتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېچىلغان سوت ئىنتايىن يېپىق ھالەتتە بولغان بولۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشتا يېتەرلىك پاكىت كۆرسىتىلمىگەن.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتايغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى تېررورچىلىق”جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ نۆۋەتلىك سوتتا مەزكۇر ئۇيغۇر ياشلارغا ئارتىلغان جىنايەتلەرگىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : " ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سوت ئادالەتسىز ھالدا يېپىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەزكۇر 6 ئۇيغۇر ياشنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خەلقئارالىق ئۆلچەم بۇيىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىدى"دېدى. (جۈمە)