2004 - يىلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت 10 چوڭ خەۋەر


2004.12.31

خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تور بېتى 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 10 چوڭ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. تەڭرى تاش تور بېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلى- قورغاس تۆمۈر يولىدا ئىش باشلاش، ئاپتونوم رايون مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى دارامىتىنىڭ بۇ يىل تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشى، ۋېن جياباۋنىڭ ئاپتونوم رايوننى زىيارەت قىلىشى، خىتاي - قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى شۇنداقلا تارىم - شاڭخەي تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرىلىشى، دېلوڭ شىركىتىنىڭ ۋەيران بولىشى، دولان قىزغىنلىقى، قوي كلۇنلاش، تارىم ئېكىلوگىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، بىڭتۈئەن ۋە ئىلى قاتارلىق بەش ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش قاتارلىقلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىلقى 10 چوڭ خەۋەر، دەپ ئېلان قىلىندى. بىراق بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت 10 چوڭ خەۋەر، تەڭرى تاغ تور بېتىنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ.

بەزى ئۇيغۇرلار، ئامېرىكىنىڭ گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، رابىيئە قادىرنىڭ رافتۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، خىتاي مەكتەپلەر بىلەن مىللىي مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي تىلىنىڭ مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1 - يىللىقلىرىغا كىرگۈزۈلىشى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ 50 نەچچە ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى شۇنداقلا ئۇيغۇر سېرىكچىنىڭ كانادادىن سىياسى پانالىق تىلىشى، تارىم- شاڭخەي تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرىلىشى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە پۇل بېرىشى، قازاقىستان- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نېفىت- تەبئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار، 2004 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت 10 خەۋەر، دەپ قارايدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.