ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئېلان قىلىندى


2006.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 2006 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى 54200 دەپ ئېلان قىلدى.

" شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر پىلان بويىچە 24 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى مەخسۇس كۇرس ، 30 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئالىي تېخنىكوم كۇرسلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسپېرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2737 نەپەر، دەپ ئېلان قىلىندى.

بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ. ئەمما خەلق ئىگىلىكىدىكى ياكى مۇستەقىل مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان ئىنىستىتۇتلارغا كەڭچىلىك قىلىنىشى مۈمكىن. ئەمما خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 54 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ قانچىلىكى مىللىيلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكوملارغا كىرىش نىسبىتى يىلدىن - يىلغا ئازايماقتا. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكوملارغا ئۇيغۇر ، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ جەمئى 21 مىڭ مىللىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. بۇ سان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلىنغان ئومۇمى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 30 % ىگە يەتمەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلاردا ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە، ئوقۇغۇچىلاردىكى كېلەچەككە بولغان ئۈمىدسىزلىك ۋە كەمبەغەللىك مەسىلىسىمۇ رول ئوينىماقتا ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.