ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى خىتايلارنى ئاساس قىلىدۇ


2005.06.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى قاتناشقان 80 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 60 مىڭى ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ، ئىمتىھانغا قاتناشقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 4 دەن 3 قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما بۇ يىلقى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق 12 مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى سانى 45 مىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاران 20 مىڭى ئالى مەكتەپكە كىرەلەيدىكەن. بۇ سان ئىمتىھانغا قاتناشقان يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ يېرىمىگە يەتمەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 80 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالى مەكتەپكە كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىدىكى ئازىيىش كىشىنى چۆچۈتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئاپتونوم رايون نوپۇسىنىڭ 50 ٪ دىن كۆپرەكىنى يەرلىك مىللەتلەر ئىگىلىمەكتە. ئەمما يەرلىكلەر بۇ يىل ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان 80 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ 4 دەن بىر قىسىمىنى ئىگىلىگەن. مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 80 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى 47 مىڭى ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپلەرگە، 37 مىڭى ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەرگە بارىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 128 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.