ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشكەنلەر سانى ئىنتايىن چەكلىك بولماقتا


2005.10.05

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغانلارنىڭ سانى ئاران 426 نەپەر بولۇپ، بۇ دۆلەت چۈشۈرۈپ بەرگەن ساننىڭ ئاران 4٪ ئىنى ئىگىلەيدۇ.

بۇنىڭ ئالدىدىلا، خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ دائىرىلىرىنى تىلغا ئېلىپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى بويىچە، سودا - سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارماق بانكىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10200 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشنى پىلانلىغان. ئەمما 15 - سېنتەبىرگە قەدەر ھەر قايسى بانكىلار 1700 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي قەرز پۇلىنى ئالالىغانلار ئاران 426 نەپەر بولغان.

خىتايدا ئوقۇش پۇلىنىڭ تېز ئۆسۈشى ۋە ئوقۇش چىقىملىرىنىڭ شەخسنىڭ زىممىسىگە يۆتكىلىشى، نۇرغۇن نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئېلىش رەسمىيەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە قىيىنلىقىنى شىكايەت قىلماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.