خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر نۇرمەمەت ياسىننى قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
2005.01.13
قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، يازغۇچى ۋە شائىر نۇرمەمەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
بۇنىڭ ئالدىدا، گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، قەشقەر مارالبېشىلىق نۇرمەمەت ياسىننىڭ قوش ئايلىق ژورنال "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ بەشىنچى سانىغا "كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسەرنى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مەزكۇر خادىمى، نۇرمەمەت ياسىننىڭ دىلوسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا مارالبېشى ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى " بۆلگۈنچىلىك" ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان دەپ قارىغان " كۆپ كەپتەر" ناملىق ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن:
توزاققا چۈشۈپ، قەپەزگە سولانغان كۆك كەپتەر ئۆلۈپ كەتسىمۇ قۇللۇقتا ياشىماسلىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋاپتۇ. بېرىلگەن سۇنى ئىچمەي، داننى يىمەي، زەھەرلىك بۆلدۈرگەننى يەپ ئۆلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمۇ مۇشۇنداق ئىرادە بىلەن تەغدىرگە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىكەن.
قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرى، نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ " كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى بېسىلغان "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 5 - سانىدىن ھازىرغىچە جەمئىي ئىككى مىڭ پارچىدىن ئارتۇق يىغىۋالغان. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن (ئۆركىشى) خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" نى ئاساسىي ئىدىيە قىلغان تاشقى ئىشلار نەزىرىيىسى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلدى
- ئۈرۈمچىدە جىنايەت سادىر قىلغان بۇلاڭچى ما خەنچىڭ قولغا ئېلىندى
- ئامان ھاجى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلىمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان