خىتاي ھۆكۈمىتى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
2005.02.04
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى يېقىندا يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، يازغۇچىنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى "قەشقەر ئەدەبىياتى" دا مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەسەر ئېلان قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
نۇرمۇھەممەت ياسىن مارالبېش ناھىيىسىنىڭ ئاۋات بازىرىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن مارالبېشىدىكى بىر تۈرمىگە سولانغان. مارالبېشىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ سوتى مارالبېشى ناھىيىسىدە ئېچىلغان. بىراق، ھۆكۈمنى قايسى سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغانلىقى، مارالبېشى ناھىيىلىك سوت ياكى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈم چىقارغانلىقى ھازىرچە مەلۇم بولمىدى.
ئامما سوت 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېچىلغان. مارالبېشى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ساقچىلار نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ سوتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. نۇرمۇھەممەتنىڭ دىلوسىغا ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئارىلىشىپ، "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىدىكى تەھرىرلەرنى سۈرۈشتۈرگەن.
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىش بىلەن ئەيىپلەنگەن " كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004 - يىللىق 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەدىنىيەت ئىدارىسى "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 5 - سانىنى يىغىۋالغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن (ئۆركىشى) خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى
- ئەخمەتجان ھاشىرى: ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر نۇرمەمەت ياسىننى قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلماقتا
- ئۈرۈمچىدە جىنايەت سادىر قىلغان بۇلاڭچى ما خەنچىڭ قولغا ئېلىندى
- ئامان ھاجى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى