خىتاي ھۆكۈمىتى شائىر نۇرمۇھەممەت ياسىننى مارالبېشىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتكەن
2005.06.03
خىتاي سوت مەھكىمىسى، "قەشقەر ئەدەبىياتى" دا ئېلان قىلغان بىر پارچە ئەدەبىي ئەسىرى سەۋەبىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان شائىر ۋە يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن، يېقىندا مارالبېشىدىكى تۈرمىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتكەن.
قەشقەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىن 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مارالبېشىدىكى تۈرمىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق 1 - تۈرمىگە يۆتكىۋېتىلگەن. نۇرمۇھەممەت ياسىن، ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004 - يىللىق 4 - سانىغا " ياۋا كەپتەر" ناملىق نەسرى ئەسىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. مارالبېشى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى، بۇ يىل 2 - ئايدا يازغۇچىنى خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 249 - ماددىسى بويىچە كىشىلەرنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يازغۇچىنىڭ ئېتىرازىنى رەت قىلىپ، 3 - ئايدا ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىغان ئىدى. قەشقەردىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يازغۇچىنىڭ ئېتىرازىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى 7 يىلغا چۈشۈرمەكچى بولغان. ئەمما قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شى داگۇئاڭ نۇرمۇھەممەتنىڭ جازا مۇددىتىنى قىسقارتىشقا قارشى چىقىپ، سوتچىلارغا بېسىم ئىشلەتكەن.
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ دىلوسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى.(ئەركىن)