ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپارغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تۇتۇلدى


2004.10.07

مەخسوس ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ، ئوغرىلىققا سالىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر يېقىندا گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۈيياڭ شەھىرىدە تۇتۇلدى.

گۈيياڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار يېقىندا ئوغرىلىق قىلىۋاتقان 13 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، كىيىن ئېنىقلاش ئارقىلىق، بۇ بالىنىڭ تۇرغۇن نىياز ئىسىملىك بىر كىشى تەرىپىدىن گۈيياڭغا ئالداپ ئېلىپ كېلىنىپ ئوغرىلىققا سېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇنىڭ بىلەن تۇرغۇن نىياز ئىسىملىك بۇ كىشى بىلەن بىرلىكتە تۇرىۋاتقان 17 كىشى بىرلا ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۇتۇلغانلارنىڭ سەككىزى ئەر، تۆتى ئايال يەنە بەشى قورامىغا يەتمىگەن بالىلار بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى تۇرغۇن نىياز تەرىپىدىن گۈيياڭغا ئالداپ ئېلىپ كىلىنگەنلەر ئىكەن. تۇرغۇن نىياز بۇ بالىلارغا ھەر كۈنى 300 يۈەنلىك پۇل ۋە مال ئوغرىلاشنى ۋەزىپە قىلغان ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ كىشىلەر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. گۈيياڭ ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئالداپ ئاپىرىپ، ئوغرىلىققا سېلىشتەك جىنايى قىلمىشلار خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.