ھەر 4 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر خىلى يوقالماقتا
2006.09.06
ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ھەر 4 يىلدا بىر خىل قىممەتلىك ياۋا ئۆسۈملۈك يوقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلىقى قالايمىقان بوز يەر ئېچىش، چارۋىلارنى ھەددىدىن زىيادە يايلىتىش ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىقلار سەۋەب بولماقتا.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گەرچە مەلۇماتتا ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوقىلىشىغا ئائىت كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قانچە يىللار ئاۋالقى دورىگەرلىكتىكى قىممىتى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھازىر ئىز-دېرىكىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا مۇشۇ سۈرئەت بۇيىچە مۆلچەرلىگەندە، كەلگۈسىدە ھەر 4 يىلدا بىر خىل ياۋا ئۆسۈملۈكنىڭ يوقىلىپ ماڭىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يېزا-ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانكەشلىكلەر ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار ئىكەن. بولۇپمۇ نۇرغۇن تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلارنىڭ ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىشى ۋە ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ مۇھىت قوغداش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان يەر ئېچىشى بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. (پەرىدە)









