2 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىكى دېخۇي خەلقئارا سودا بازىرىغا ئوت كەتتى
-
2008-01-02 -
-
-
2 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىكى دېخۇي خەلقئارا سودا بازىرى دەپ ئاتىلىدىغان 12 قەۋەتلىك توپ سېتىش بىناسىغا ئوت كەتكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2 - يانۋار كۈنى كەچ سائەت 11 دە ئۈرۈمچىدىن تارقاتقان ئېنگىلىزچە خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان 12 قەۋەتلىك دېخۇي خەلقئارا بازار بىناسىنىڭ 5 - قەۋىتىدىن دەھشەتلىك ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، 48 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى يېتىپ كېلىپ، 181 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بۇ بىنادا ئوت ئۆچۈرۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2000 دىن ئارتۇق يايمىچى كىيىم -كېچەك، پەداز بۇيۇملىرى، ۋە ھەر خىل قونچاق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ چوڭ بازار ئادەتتە كەچ سائەت 9 دا تاقىلاتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنىڭ ئادەملەرگە ۋە مۈلۈككە قانچىلىك زىيان يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. ئەمما خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش داۋاملىشىۋاتقاندا، قاتناش مەجبۇرىي توختىتىلغان، ئەمما بۇ بىناغا يېقىن جايدىكى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئىش تەرتىپىگە تەسىر يەتمىگەن. شۇنداقلا، يېقىن جايدىكى 20 قەۋەتلىك بىر چوڭ مېھمانخانا ئۈچۈنمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، بۇ توپ سېتىش بازىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سودىگەرلىرى 380 مىليون يۇەن مەبلەغ سالغان ئىكەن. بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوت ئاپىتى بىنانىڭ تۆۋەن قەۋىتىدىن باشلانغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۇرپاندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر نامايىش قىلدى
- غۇلجا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ھادىسىسىدە كان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىدى
- د ئۇ ق 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
- سانجىدا كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ يەتتە ئادەم ئۆلدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە يەر تەۋرەپ 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
- بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى
- قارىماي ۋاقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلاندى
- خۇالىڭ سودا سارىيىغا ئوت كەتتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈز يىلدىن بۇيان كۆيىۋاتقان كۆمۈرلۈكنىڭ ئوتى ئاخىرى ئۆچتى