دېخۈي سودا بازىرىدا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان دۇكاندارلار پۈتۈنلەي تۆلەمگە ئېرىشىپ قايتا تىجارىتىنى باشلىدى


2008-02-05
Share

خىتاي سىنا خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دىخۈي خەلقئارا سودا مەركىزىگە 2 - يانۋار ئوت كېتىپ ھازىرغىچە بولغان بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ ئاپەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى جىددىي سۈرۈشتە قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئوت ئاپىتىدە دۇكان ھەم ماللىرى كۆيۈپ زىيانغا ئۇچرىغان 10 46 نەپەر خىتاي سودىگەرنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى تۆلەپ بەرگەندىن سىرت، 1 - فېۋرال كۈنى بۇ سودىگەرلەر پاراۋۇز خەلقئارا بازىرى نامىدا قۇرۇلغان مەخسۇس مال تەمىنلەش بازىسىدا قايتا تىجارىتىنى باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دېخۈي خەلقئارا سودا سارىيىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە، مەخسۇس ئوت ئاپىتى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلغان بولۇپ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش فوندىمۇ قۇرغان ۋە ھازىرغا قەدەر جەمئىيەتنى ھەمدە ئىدارە ئورگانلارنى دېخۇي خەلقئارا سودا بازىرى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ئىئانە توپلاش ئىشلىرىنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يىگىرمە مىليون ئىئانە سوممىسى يىغىلغان.

مەزكۈر ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇچرىمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى 1200 دىن ئارتۇق تىجارەتچىسى بولغان بۇ بازاردا پەقەت 5 ئۇيغۇر دۇكاندار بار ئىكەن.

ئەمما ئۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى يەنى 2007 - يىلى 3 - ئۆكتەبىر، تۇرپان يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرىدا يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتىدە بىر كىچىك بالا قازا قىلغان، 25 دۇكان ۋە ئاشخانىلار كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ھازىرغىچە تۇرپاندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىدى.

تۇرپاندىكى بىر قىسىم ئاممىدىن ئىگىلىشىمىزچە. بۇ سودا سارىيىدا دۇكان ئاچىدىغانلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولۇپ، ۋەقەدە 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان ئىكەن. تۇرپان دائىرىلىرى شۇ چاغدا بارلىق دۇكاندارلارنىڭ تېزدىن قايتا سودىسىنى باشلىشى ئۈچۈن باشقا جايدىن ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىدىغانغا ھۆددە قىلغان بولسىمۇ،ھازىرغا قەدەر ئەمەلىيلەشمىگەن. شۇ سەۋەبتىن، دۇكانلىرى كۆيۈپ زور ئىقتىسادى زىيان تارتقاندىن باشقا، بىر ئايغىچە تىرىكچىلىك يولىنى قىلالمىغان تىجارەتچىلەر بىرلىشىپ 11 - ئايدا ئۈچ قېتىم نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.

بىراق خىتاي دائىرىلىرى تۇرپاندىكى خەلقنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى جىددىي ھەم قاتتىق تۈردە باستۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭ سەۋەب‏- نەتىجىلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە. يېقىن ئارىلىقتا تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوخشاش خاراكتېرلىك ئوت ئاپىتىگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مۇئامىلە تۇتۇشى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پىكىرلىرىنى پەيدا قىلماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت