خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاساسلىق رولچى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلمەكتە
2007.10.08
ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان دۆلەتكە ئايلىنىش پىلانى، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى "يېڭى چوڭ ئويۇن" دا باش رولچى بولۇپ مەيدانغا چىقىشى بىلەن سۇغا چىلاشتى.
يەرشارى ۋاقتى خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان بولغاچقا، 1991- يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن مەزكۇر رايوندا ئاساسلىق رولچى بولۇشنى پىلانلىغان ئىكەن.
ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستاننىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى سۇسلىشىشقا باشلىغان.
يەرشارى ۋاقتى خەۋەرلەر تورىدا، تاشقى مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى سۇۋروكامال دۇتتانىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى غەلىبە ئەندىزىسىنى، باشقا رايونلارغىمۇ كۆچۈرۈپ بېرىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ رايونلاردا ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىقتىساد ساھەسىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۆزىگە ئىستراتېگىيىلىك بوشلۇق ياراتماقتا ئىكەن.
يەنە باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى غەيرىيلىكى بىلەن ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن بىمالال مۇئامىلە ئېلىپ بارالايدىكەن.
خىتاينىڭ ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇرۇلۇش پىلانىنى يۈرگۈزۈشتە بىردەكلىك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن يېڭى دېھلى جاۋاھارلال نېھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى ك. ۋارىكۇن: "ئەمما ھىندىستان بيۇروكراتلىرى ۋە سودا ساھەسىنىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشتە بىرلىككە كەلگەن بىر سىياسىتى يوق" دەيدۇ.
خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سودا بالانىسى 1997- يىلىدىكى 850 مىليون دوللاردىن 2006- يىلىدىكى 13 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي چېگرا رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى
- خىتاي رەھبىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
- خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سوتچىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى
- خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلماقچى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تۆمۈر يول ۋە تاش يول ياساش لايىھىسى تۈزدى
- قىرغىزىستاندا بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە