سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتىنىڭ ئەرزىيەتچىلەردىن قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشى ئاشكارىلاندى
2007.09.24
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى تۇنگان ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتى يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ خەلق ئىشلىرى ھەق تەلەپ قانۇنى بۇيىچە ئەرز قىلغۇچىلاردىن ھەق ئېلىش بەلگىلىمىسىدىكى ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەم قالايمىقان ھەم كۆپ تۈرلەر بۇيىچە ھەق ئېلىپ كەلگەن.
سانجى ئوتتۇرا سوتىنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ھالدا قالايمىقان ھەق ئېلىشىغا ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوتىمۇ كۆز يۇمۇپ كەلگەن.
بوشۇن تورىنىڭ بۇ ھەقتە 23 - سېنتەبىر بەرگەن خەۋەرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سانجى ئوتتۇرا سوتى دەۋاگەرلەردىن كۆپرەك ھەق ئېلىش ئۈچۈن بىر ئەرزنى بىر قانچە تارماقلارغا بۆلۈپ دېلو بېكىتىپ بېجىرىش، ھەر بىر دېلوغا ئايرىم ھەق ئېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئادەتتە ھەق ئېلىنمايدىغان قانۇنىي رەسمىيەتلەرگىمۇ ھەق بېكىتىپ، ھەتتا ئون يۈەننى ئارتۇق ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە پاكىتلار تولۇق بولغان دېلو ئۈستىدىنمۇ سوت ئاچماي ھەم سوتنى قەستەن كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقوقلىرىغا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلغاندىن باشقا ، بۇ خىل قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا يوچۇق ھازىرلاپ بەرگەن ھەم خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىغا ئېغىر قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلگەن.
خىتايدا بارلىق سوت ئورگانلارنىڭ ئارخىپخانىلىرىغا دۆلەت ئارخىپخانىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئەرزدارلاردىن ئارخىپ ساقلاش ھەققى ئېلىنمايدۇ، ئەمما سانجى ئوتتۇرا سوتى مەخسۇس ئارخىپ ساقلاش ھەققىنىمۇ بېكىتكەن.
بوشۇن تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سانجى ئوتتۇرا سوتىدا ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر كۆپىنچىسى يەرلىك كادىرلارنىڭ بەگزادىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رەسمىي قانۇن كەسپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەنلىك گۇۋاھنامىلىرىمۇ تولۇق ئەمەس بولۇپ، ھەر يىلى ئەدلىيە ئېمتىھانلىرىدىن ئۆتەلمەي يۈرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سوتتا خىزمەت قىلغان كونىلار بولسا ھايانكەشلىكنى كەسىپ قىلىۋالغان بولۇپ، ئالغان پايدىسىغا قاراپ، دېلو ئۈستىدىن پاكىتسىز ھالدا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئورۇننى خۇددى قارار جەمئىيەتكە ئوخشىتىپ قويغان.( گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ماناس ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى "قارا خۇمدانچىلار" غا ھۆكۈم ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ تەييۈەن شەھىرىدە 46 نەپەر ئۇيغۇر كوللېكتىپ ھالدا سوتلاندى
- قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى 13 يىللىق كېسىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بايانىتىنى ئەيىپلىدى
- خىتاي سوت مەھكىمىسى ئابلا ئابدۇرېشىتنىڭ سوتىنى كېچىكتۈرگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇرنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئېلىپ باردى دەپ كەستى