18 مىڭ ئادەم 5 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇنسىز ھايۋان ئوۋلاش جىنايىتى ئېلىپ بارغان


2004.11.30

شىنخۇا تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، 18 مىڭ ئادەم 5 يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، 5 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قانۇنسىز ھايۋان ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىن 331 قېتىم، ھايۋان ئوۋلاش دېلوسىدىن 200 قېتىم، قانۇنسىز ھالدا قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىش دېلوسىدىن 441 قېتىم سادىر بولغان ۋە ئالتۇن - تاغ، تەڭرى - تاغ ۋە ئىلى دەريا بويىدىكى رايونلاردا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش شايكىسىدىن 9 ئى، ئوۋچىلار ئۇۋىسىدىن 12 ئى بايقالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ھايۋانلارنى قوغداش ئىشلىرىغا سەل قارىشى، كۆڭۈل بۆلمەسلىكى نەتىجىسىدە، خىتاي بويىچە ياۋايى ھايۋانلار تۈرى ئەڭ كۆپ جايلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرىدا تەكىتلەنگىنىدەك كۆپ قېتىم ھايۋان ئۆلتۈرۈش، ئوۋلاش ۋە سېتىش قىلمىشلىرى سادىر بولغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش قىلمىشلىرى، ئاققۇنلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئېغىرلاپ كەتكەن بولۇپ، 50 - يىللاردىن ئىلگىرى يولۋاس، بوز ئات قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋانلار بۇ زېمىندا خېلى كۆپ ئىكەن، ھايۋانلارنى قالايمىقان ئوۋلاش نەتىجىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.