كۈيتۇندە بىر توننا ئەتراپىدا ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشى بايقالدى


2007.03.18

خەلقئارا ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن جۈمە كۈنى تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كۈيتۇن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن يەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈشكە مەسئۇل تارماقلار بىرلىكتە كۈيتۈن شەھەرلىك ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئورنىدا بىر توننا ئەتراپىدا ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

خەۋەردە چۈشەندۈرۈلىشىچە، دائىرىلەر بۇ بىر توننا ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى شۇ كۈنى ئەتتىگەندە ليۇ فامىلىلىك بىر كىشىنىڭ كاماز ماشىنىسىدىن بايقىغان بولۇپ، ليۇ ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جەمئىي تۆت ئات، بىر كالا ھەمدە يىگىرمە نەچچە قوينى گۆش بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىۋەتمەكچى بولغان.

گەرچە كۈيتۈندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىر توننا ئەتراپىدىكى گۇمانلىق گۆشنى، مەلۇم بىر خىل كېسەللىك بىلەن مىكروپلانغان دەپ كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئۆي ھايۋانلىرىغا قانداق كېسەللىك تەككەنلىكىنى مەخپى تۇتماقتا ئىكەن.

ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ يايلاقلىرىدا مال -چارۋىلارغا ئېغىز تۇياق ياللۇغى تارقالغاندا، تەرەپ جىددى تەدبىر قوللىنىپ، چارۋىچىلارنى ئاگاھلاندۇرماي ئەكسىچە يەنىلا مال-چارۋىلاردا كېسەللىك تارقالغانلىقىنى مەخپى تۇتقانلىقى سەۋەبلىك، نۇرغۇن مال-چارۋىلاردا كەڭ كۆلەمدە كېسەللىك تارقاپ چارۋىچىلار ھەمدە ئىستىمالچىلارغا نۇرغۇن زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

ئېغىز تۇياق ياللۇغى قوي، كالا، ئات قاتارلىق مال چارۋىلاردا كۆرۈلىدىغان بىر خىل مىكروپ بولۇپ، ئادەتتە دەرھال كارانتىن قىلىش ھەمدە مىكروپلانغان ھايۋانلارنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كەڭ تارقىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.