ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى


2006.05.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيىنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللاندى، دەپ ئەيىبلىدى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقى ۋياچېسلاۋ قاسىموۋ، "بىر تەرەپلىمىلىك قارار چىقارغاندا ۋە قوش ئۆلچەم قوللانغاندا بىز بۇ قارارنىڭ قوبۇل قىلارلىق تەرىپى بارلىقىدىن گۇمانلىنىمىز " دەيدۇ. ئۇ، بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا " ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيىنى جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش تەلىپىگە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاپ بېرىشكە چاقىرىمىز " دېدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدا قۇرۇلغان شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى تاشكەنت شەھىرىدە بولۇپ، ئۆزبېكىستان ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ئەنجاندىكى ئىسياننى باستۇرغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن ئىتتىپاقلىشىش يولىنى تۇتماقتا.

ئامېرىكا يېقىندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بەرگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئالبانىيە ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى تېرانادىكى بىر يىغىۋېلىش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيىنى ئەيىبلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئۆزبېكىستان ئەمەلدارى ۋياچېسلاۋ قاسىموۋنىڭ سۆزلىرىنى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارادا يىتىم قالغان تاشكەنت ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ياخشىچاق بولۇش خۇيخالىقى، دەپ باھا بەرمەكتە.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدا كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇرنى ئۆزبېكىستانغا تۇققان يوقلاپ بارغاندا تۇتۇپ قالغان ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.