خىتاي، پاكىستان ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلەشمە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزدى


2004.08.04

خىتاي بىلەن پاكىستان چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدە تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مانېۋىر 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بۇ خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ تۇنجى قېتىم تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پاكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ قېتىملىق مانېۋىر ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئەمما ئۇ مانېۋىرغا ئىككى دۆلەتتىن قانچىلىك ئەسكەر قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرنېمە دېيىشنى رەت قىلغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.