ئىسمايىل تىلىۋالدى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پاكىستان دائىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى


2004.10.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى پاكىستاندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش يولىدىكى ھەرىكىتىگە ياردەم بەرگەن پاكىستان دائىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتقان. ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستاندىكى زىيارىتى 16 - ئۆكتەبىردە ئاخىرلاشقان. ئىسمايىل تىلىۋالدى ئىسلامابادتىكى مۇخبىلارلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، " پاكىستان ئۇزۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان تېرورلىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش جەھەتتە بىز بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلاشتى، بۇ مۇنائىسۋەت بىلەن بىز چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز" دەپ تەكىتلىگەن. ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى زىيارىتى بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبىرىنىڭ يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھىندىستاندىكى تۇنجى زىيارىتىدۇر.

ئۇنىڭ ھىندىستان دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھىندىستان بىلەن ئۇيغۇر ئىلى ئارىسىدا ھاۋا يوللىرىنى ئېچىش، نېفىت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىگە چېتىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى زىيارىتىنى ئۇنىڭ زىيارىتىدىن بىر ھەپتە كېيىن خەۋەر قىلدى. ئىسمايىل تىلىۋالدى پاكىستاندا باش مىنىستىر شاۋكەت ئەزىز، پاكىستان كېڭەش پالاتا رەئىسى مۇھەممەد مىيانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ، پاكىستان دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشقا ئۈندىگەن. ئىسمايىل تىلىۋالدى 1996 - يىلى خوتەن نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدىكى رادىكال ئىپادىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە قويۇلغان. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەدە قىلماقتا، دەپ ئەيىپلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.