پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

پاكىستان پارلامېنتىدىكى پارتىيە - گۇرۇھلار تەرىپىدىن ھوقۇقنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، 6 كۈنلۈك خىتاي سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئۈرۈمچىنى بىر كۈن زىيارەت قىلغاندىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.16
  ئۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئىلى - پاكىستان ئىقتىسادى - سودا مۇنبىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، پاكىستان - ئۇيغۇر ئىلى چېگرا ھالقىغان سودا رايونى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىلىتانلىرىدىن خاۋاتىرلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى مىلىتان كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ بىلەن مۇشەررەپنىڭ قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. مۇشەررەپ بۇنىڭدىن 6 كۈن بۇرۇن بائوۋ ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختىغان. مۇشەررەپنىڭ ئۈرۈمچىدە توختىغان كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ پاكىستانغا يېتىپ كەلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

 ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا،پاكىستان دائىرىلىرى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە توغرىلاپ راۋالپىندى شەھىرىدە 350 دەك ئۇيغۇر تىجارەتچىنى نەزەربەنت قىلغان، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستان تەۋەلىكىدىكى ئانىسى ئافغان بىر ئۇيغۇرنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. پاكىستان دائىرىلىرى ئولىمپىك مەشئىلى چارشەنبە كۈنى پاكىستاندىن ئۆتكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ كىشىلىك ساقچى قىسىمىنى سەپەرۋەر قىلىپ، جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالدى. (ئەركىن)
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.