كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سېركچىلەرنىڭ سىياسى پانالىقىنى قوبۇل قىلدى
2004.11.05
كانادادىن سىياسى پانالىق تىلىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرك ئۆمىكىدىكى 7 نەپەر ئارتىسنىڭ كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان سوتدا سىياسىي پانالىقى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلار كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر سېركچىلەرنىڭ سوتى پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ كانادادا قېلىش تەلىپىنى ئورۇنلۇق دەپ ھۆكۈم چىقارغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى كانادادا سىياسىي پانالىق تىلەش رەسمىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر سېركچىلەر بۇ يىل 1 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادا ئويۇن كۆرسىتىشكە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە يۇرتىغا قايتىشنى رەت قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسى پانالىق تىلىگەن. بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنى ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى ئۇيغۇر سېرىكچىلەر يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئالداپ كېتىلدى، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئوتتاۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى كانادا ھۆكۈمىتىدىن سېرىكچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ جەرياندا مەزكۇر ۋەقە دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى چوڭ خەۋەرگە ئايلانغان. سېرىكچىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن سىياسى پانالىق تىلىگەنلىكى مۇنازىرە قوزغاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. (ئەركىن)