ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈ جىباۋ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە زور مىقتاردا پۇلغا خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يۈ جىباۋ 1995 - يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىلا، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ 720 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق پۇلىغا خىيانەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، بىر قىسىم خىيانەت پۇللىرىنى تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يىنىك جازا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پارىخور ئەمەلدارلارغا قارشى نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، قىلمىشى ئاشكارىلانغان قىسمەن ئەمەلدارلارنى پارىخورلۇق بىلەن جازالىماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 42 مىڭ ئەمەلدارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 3000 ئى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىكەن. (ئارزۇ)
