ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا 14 كىشى ئۆلدى
2005.01.20
پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 14 ئادەم ئۆلدى.
مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدا بىر مىنىبۇس يۈز بەرگەن بىرىنچى پارتلاشتا 12 كىشى ئۆلگەن. رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدىكى "توققۇز چاقىرىم" دېگەن جايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سەككىز كىشى نەق مەيداندا، تۆت كىشى دوختۇرخانىدا قازا تاپقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەن.
ئىككىنچى پارتلاش ئۈرۈمچىنىڭ سەنشىخاڭزا رايونىدىكى ئاۋات بازاردا يۈز بەرگەن . بۇ جايدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار تىجارەت قىلىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار نەق نەيداننى قامال قىلغان. ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ۋەقەنى گاز تۇڭىنىڭ پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ جاكارلىغان.(قانات)