مايتاغدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى بىر خىتاي ئىشچىسىنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى


2005.01.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۆتكەن ھەپتە مايتاغدا يۈز بەرگەن مىنىبۇستىكى پارتلاش ۋەقەسىنى بىر خىتاي كۆمۈر كان ئىشچىسىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقەدە 11 ئادەم ئۆلگەن، يەتتە ئادەم يارىلانغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغان بەي چىڭخۇا ئىسىملىك خىتايمۇ مەزكۇر پارتلاشتا ئۆلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىلگىرى شىخۇدىكى بىر قېتىملىق كان ۋەقەسىدە يارىلانغاندىن كىيىن، كان دائىرىلىرىنىڭ بەرگەن 20 مىڭ يۈئەن تۆلەم پۇلىدىن نارازى بولۇپ، كىچىك ئاپتۇبۇسنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خەۋەردە بۇ خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر مىنىبۇسنى نىشان قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋاتقان كىچىك ئاپتوبۇس پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى دەرھاللا ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستان "تېررورچىلىرى" تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىق ئىھتىماللىقىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما، ۋەقەنى بىر خىتاينىڭ سادىر قىلغانلىقى پاش بولغاندىن كىيىن، خىتاي دائىرىلىرى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بۇ خىتاينى "تېررورچى" دەپ ئاتىمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى مايتاغدىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان. جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئىلگىرى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىر خىتاي بىلەن بىر قازاقنىڭ سالاھىيىتى ئىنىقلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قالغانلىرىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. ئەمما ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسى، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.