ئۈرۈمچىدىكى خوڭيەنچى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى


2005.05.13

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى خوڭيەنچى 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ماي پونكىتىدا، جۈمە كۈنى سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت ئادەم ئۆلدى بىر كىشى يارىلاندى.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ساقچىلار غۇلجىدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان بىر خىتاينى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

خوڭيەنچى 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئورنى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. دائىرىلەر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى پارتلاش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق ئېلېكتىر تورىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ۋەقەدىن كېيىن قوراللىق ساقچىلار ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى تاشيوللارنى قامال قىلغان. دائىرىلەر شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا تەۋە قىسىملارنى قۇتقۇزۇش ۋە تەرتىپ ساقلاش ئىشلىرىغا سەپەرۋەر قىلغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، ئالدى بىلەن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئاندىن ماي پونكىتىغا تۇتاشقان. مەزكۇر ئېلېكتىر ئىستانسىسى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 9 - بەش يىللىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ مىليارد يۈئەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان. خوڭيەنچى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.