ئاقسۇدىكى بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلدى
2005.08.10
سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 كىشى قازا قىلغان ۋە 7 سى يارىلانغان. شۇنداقلا پارتلاشتا بۇ زاۋۇت پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ زاۋۇت مىۋە-چىۋە قاچىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق پىلاستىك ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە زاۋۇت ئىچىدە خىمىيىۋىي سۇيۇقلۇق قاچىلانغان تۇڭدىن 30 نەچچىسى بار ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ پارتلاشنىڭ مۇشۇ تۇڭلارغا ئوت كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا كېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاشتىن كېيىن مەزكۇر زاۋۇت مەسئۇلى قېچىپ كەتكەن. (پەرىدە)