ئۈرۈمچىدە بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى


2006.12.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 :00 لەردە غەربىي قوۋۇقتىكى (بېيمىن) بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى ئالدىدا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 2 ئادەم يارىلاندى. لېكىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى پارتلاشتا دوختۇرخانىغا كىرىش ئىشىكىنىڭ دېرىزىلىرى ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە ئىككى ئادەمنىڭ ئەينەك پارچىلىرىدا يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ۋەقە يۈز بېرىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئەتراپنى قامال قىلغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار بومبىنىڭ قولدا ياسالغانلىقىنى ئېنىقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەنى كىمنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ بارغانلىقىنى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ساقچىلارنىڭ كۈلرەڭ پەي چاپان كىيگەن 25 ياشلاردىكى ياشتىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ياشنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.