مايتاغدىكى پارتلاش ۋەقەسى كىشىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان
2005.01.21
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى مايتاغ بىلەن شىخۇ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مىنىبۇستىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ياۋخۇا، پارتلاشنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارلىغان. بىراق ئۇ، پارتلاتقۇچ دورىنىڭ خاراكتىرى ۋە پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، پارتلاشنىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىغا توغرا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتلاش ۋەقەسىنى "سۇيىقەست"، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ليۇ ياۋخۇا جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئىككى كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغانلىقىنى جاكارلىغان. ليۇ ياۋخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالاھىيىتى ئېنىقلانغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى خىتاي يەنە بىر قازاق ئىكەن. ليۇ ياۋخۇا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان.
ئەنگىلىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س، پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، مىنىبۇستىكى يولۇچىلار شىخۇ ئەتراپىدىكى بىر مازارنى يوقلاپ قايتىۋاتقان مايتاغلىق ئۇيغۇرلار، دەپ كۆرسەتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ليۇ ياۋخۇانىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئىچىدىن ئالدى بىلەن بىر خىتاي بىلەن بىر قازاقنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاپ چىققانلىقى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندە مىنىبۇستىكى 19 كىشىنىڭ 12 سى ئۆلگەن. (ئەركىن)