ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنماقتا
2007.06.21
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، قولىدا پاسپورتى بار بارلىق ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر ، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايونلار ئارا بېكىتىلگەن ساقچى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا پاسپورتىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: "بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق يېڭى باستۇرۇش ھەرىكىتى " دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن پاسپورتلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا بەرمەيدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار ھەر خىل سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشقان. ساقچىلارنىڭ بىر قىسىمى پاسپورت يىغىۋېلىنمايدۇ، پەقەت قايتا تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ جاۋاب بەرسە، يەنە بىر قىسىملىرى پاسپورتلارنىڭ تولۇق يىغىۋىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دىلشات رېشىت يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت خىتايلارنىڭ پاسپورتىنى تىزىملاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
دىلشات رېشىت سۆزىدە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككى خىل مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىشىنى قەتئىي چەكلەش، يەنە بىرى ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلغان ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھەج پائالىيىتىگە قاراتقان باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- دۇنيا، قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېمىغا چاپلانغان لوزۇنكىلارنى كۆردى
- قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان
- خىتايدىن يولغا چىققان ھەج كاندىداتلىرى تۇنجى ئايرۇپىلان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى
- 9600 نەپەر مۇسۇلمان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا ھەجىگە ئەۋەتىلمەكچى
- خىتاي نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشكە قوشۇلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىرىنى چەكلىدى
- پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى ھەجىگە بېرىش ۋىزىسىغا ئېرىشتى
- خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان