قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان


2006.12.07

قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى يېقىندا، قەشقەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ - بىر كىرىپ، كىشىلەرنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي ھالدا يىغىۋالغان.

ئىستانسىمىزغا بىۋاستە كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى كىشىلەرنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي يىغىۋىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ باشقا ئەللەرگە چىقىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىدىن ئالدىنئالا رۇخسەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى ۋە قايسى دۆلەتكە بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسى شۇنىڭدەك شۇ دۆلەتتىن كەلگەن چاقىرىق قەغەزلىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، پاسپورتى قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېگرىدىن چىقىش - كىرىش تۈزۈمى، خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئادەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن شەرتتە، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئىدارە ۋە ياكى ئاھالە كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇش قەغىزى ۋە كىملىك گۇۋاھنامىسى بولسىلا كۇپايە قىلىدىكەن. ئەمما ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنى كونترول قىلىپ بەلگىلىك چەكلىمە دائىرىسىدە پاسپورت تارقاتماقتا .

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىنىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن سىرت ، باشقا دۆلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغىمۇ دەخلى تەرۈز يەتكۈزمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.