خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى پاسپورتقا چەك قويماقتا


2006.12.13

ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورتى بار ئۇيغۇرلارنى ۋىلايەت، ناھىيە، ھەتتا يېزىلارغىچە ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارنى پاسپورتىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ تۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللىنىۋاتقان بۇنداق ھەرىكەت ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا بىر قەدەر جىددىي. بەزى جايلاردا، پاسپورتىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارىتى ياكى باشقا ئىشى ئۇچۇق -ئاشكارا ھالدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ توختىتىپ قويۇلغان. بەزى جايلاردا بولسا، ساقچىلار ھەتتا چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر قايتىپ كەلمىسە پاسپورتىنى كېرەكسىز قىلىۋىتىدىغانلىقنى جاكارلىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.