پاختا ئۈزۈش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىخىتاي ياللانما ئاققۇنلار ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ شىخەنزىدىكى پاختىزارلىقى 150 مىڭ خىتاي ئاققۇننى ياللىۋېلىپ پاختا تېرىشكە سالىدۇ . خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ شىخەنزىدىكى ھەر قايسى پولك ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ، ھازىرغىچە ئىچكىرىدىن 120 مىڭ ئاققۇنى پاختا تېرىشكە ياللىۋالغان . ھازىر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاققۇنلارنى مەخسۇس پويىز بىلەن ئىچكىرىدىن شىخەنزىگە توشىماقتا . ئاققۇنلارنىڭ كۆپچىلىكى خېنەنلىكلەر بولۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى دائىرىلەر بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا خېنەنگە بېرىپ ، خېنەندىكى ناھىيىلەر بىلەن ئەمگەك توختىمى تۈزگەن . بىڭتۇەندىكى ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئاققۇنلارنىنىڭ ياتاق ، تاماق ، مائاش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .
كۈزەتكۈچىلەر ، بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ ياللانما ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىشسىز ئۇيغۇر دېھقانلاردىن ئەمەس ، بەلكى شىخەنزىگە تېخىمۇ يىراق بولغان خېنەندىن ياللىۋالغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرغۇچى رول ئوينايدۇ دەپ باھا بەرمەكتە . بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلى جەنۇبتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلارنى پاختا ئۈزۈشكە ياللىۋالغان ، بىراق ئۇيغۇر دېھقانلارغا تۇتقان كىشىلىك مۇئامىلە , ئىش ھەققى ، يېتىپ - قوپۇش ۋە يېمەك ـ ئىچمەكتە ئىختىلاپ كېلىپ چىقىپ ، بەزى دېھقانلارنىڭ ئىشىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەبكار بولغان . شىخەنزىگە بارغان دېھقانلار ئەينى چاغدا رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ ، دائىرىلەرنىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىغا ئۇيغۇرلاردىن كۆپ مائاش بېرىش ، ئۇيغۇرلارغا مائاشنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ،ھەر خىل سەۋەبلەرنى بانا قىلىپ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشدەك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى . (ئەركىن)